خىتاي يىلىغا 201 مىليون توننىدىن ئارتۇق بايلىقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان

 خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىش ۋەزىپىسى قويغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋەزىپىسى كۆپەيتىلگەن ۋە بۇ يىل بىر يىل ئىچىدە 201 مىليون 700 مىڭ توننا بايلىقنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 25-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 23 ـ دېكابىر كۈنىگىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن تۆمۈر يول ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇغان بايلىقىنىڭ مىقدارى 201 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئەسلىدە خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرىغا يىلىغا 201 مىليون 300 مىڭ توننا بايلىقىنى خىتايغا توشۇش ۋەزىپسى چۈشۈرگەن. ئەمما خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتا تۇنجى قېتىم بەلگىلەنگەن ۋەزىپىدىن ئاشۇرۇپ تاماملىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يولى ئىدارسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى يىللىق توشۇش مىقدارى 2018 ـ يىلى تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىدىن ئاشقان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن يۈك توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننا بولۇش ئاساسىدا يىلدىن ـ يىلغا ئاشۇرۇلغان. بۇ يىل خىتاي شەرقىى تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، توشۇش مىقدارىنى 200 مىليون توننىدىن ئاشۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 808 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2022 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق