ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

25-دېكابىر ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى IHH نىڭ ئەنقەرە ياشلار شۆبىسى تەشكىللىگەن ئايلىق ناشتىلىق پىروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەتكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پائالىيەتتە «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا  سۆزلىدى.

ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان لاگېرغا سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى قاتارلىق ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1710 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2022 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق