شەرقىي تۈركىستاندا كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن كىشى قاپسىلىپ قالدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە 24-دېكابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالتۇن كان ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.

خىتاي شىن لىياڭ تورىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تارمىقىنىڭ ئورگان تورىدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئالتۇن غۇلجا چەكلىك شىركىتى (ئىلگىرى ئاشى ئالتۇن كېنى دەپ ئاتالغان) نىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، كاننىڭ يەر ئاستى قەۋىتىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەندە كاندا جەمئىي 40 نەپەر ئادەمنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى،  بۇنىڭ ئىچىدىكى 22 ئادەم قۇدۇقتىن بىخەتەر چىققان بولسىمۇ، بىراق 18 نەپەر ئادەمنىڭ قۇدۇقتا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر ئاستى قاتلىمى مۇرەككەپ بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قاپسىلىپ قالغان 18 ئادەم بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1080 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2022 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق