خىتايدا ۋىرۇس يۇقۇمى شىددەت بىلەن كۈچەيمەكتە

خىتايدا شىددەت بىلەن يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى تېزلەشكەن بولۇپ، شاڭخەيگە يېقىن سانائەت شەھىرى بولغان جېجياڭدا كۈندىلىك يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەرلىك ئەمەلدارلار بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ساننىڭ بىر قاتلىنىشىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلەردە شىمالدىكى 9 مىليون نوپۇسلۇق چىڭداۋدا بىر كۈندە 530 مىڭ كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. يۇقۇمنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىشىگە قارىماي، خىتاي رېجىمىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا يېقىنقى بەش كۈندە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئېلان قىلىنمىغان ۋە كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنى ئەمدى ئورتاقلاشمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي سەھىيە كومىتېتى سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشمىغان.

ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسىدىن كېيىن چىققان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قاتتىق چەكلىمىلەر بوشىتىلغان بولسىمۇ، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى بوشاتمىغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلىشتا مەغلۇپ بولغان ھالەتتە كۆرۈنۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۈندىلىك يۇقۇملىنىش سانىنى ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي رېجىمى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ سانىنى ئاز ئېلان قىلدى، دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلاپ قويغان. مەزكۇر ئاشكارىلانغان رەسمىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ ئالدىنقى 20 كۈنىدە خىتايدا 250 مىليونغا يېقىن يۇقۇملانغۇچى خاتىرىلەنگەن.

بىلۇمبېرگ ۋە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ ئالدىنقى 20 كۈنىدە خىتايدا تەخمىنەن 250 مىليون يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. بۇ قورقۇنچلۇق سان پەقەت ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچى سانىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 37 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاي سەھىيە كومىتېتىنىڭ بىر  يىغىنىدا ئاشكارىلانغان. ئەمما خىتاي رېجىمى رەسمىي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا، 20 كۈندە پەقەت 60 مىڭ ئەتراپىدا يۇقۇملانغۇچى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئەمما خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن خىتايدىن كېلىۋاتقان يېڭى سۈرەتلەر، نەق مەيداندىن بېرىلگەن خەۋەرلەر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ رېئاللىققا زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئىلگىرى ئۆيلەرگە قاماپ قاتتىق قامال قىلغان خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە كىشىلەرنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، ئەھۋالى ئېغىر بولمىسا، خىزمەتكە چىقىشقا رۇخسەت قىلماقتا.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، غەرب شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان MRNA ۋاكسىنىسىنىڭ خىتايدا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلارنىڭ يېتەرلىك قوغدىيالمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئومىكرون نۇسخىسىغا قارشى ئاجىز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 741 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2022 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق