بايدېننىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىش قانۇنىنى ئىمزالىشى خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىش ھەققىدە دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنىغا ئىمزا قويۇشى بىلەن، خىتاي غەزەپتىن يېرىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 24-دېكابىر پىرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكىنىڭ «2023-يىللىق مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» غا ئىمزا قويغان بولۇپ،  خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بايدېن ئىمزالىغان يىللىق قانۇن لايىھەسى تەيۋەننى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەيۋەن تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان يېقىن دوستانە ھەرىكىتىگە رەھمەت ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇننىڭ ئىمزالىنىشىغا «قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا خالىغانچە ئارىلاشقانلىق ۋە ئېغىر سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گەرچە خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى بېيجىڭدا ھاكىمىيەت قۇرغان بولسىمۇ، بىراق تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ۋە بىر-بىرىدىن ئايرىم مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسى ئەزەلدىن تەيۋەندە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا قورال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەننى قوشۇۋېلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئەمما تولۇق دېموكراتىيەلەشكەن تەيۋەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى پەقەت 23 مىليون پۇقراسى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ كۈچىيىشى ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتى بارغانچە ئاشماقتا. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇزۇن مۇددەت كەڭ كۆلەملىك ھەربىي قامال قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. خىتاي ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ، تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا بېسىپ كىرىش قىلمىشىنى كۆپەيتتى. پىرېزىدېنت بايدېن بولسا خىتاي كوممۇنىستلىرى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىش مەيدانىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت بايدېن جۈمە كۈنى ئىمزالىغان «2023-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» دىكى 858 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئومۇمىي ھەربىي چىقىم ئىچىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەش يىل ئىچىدە تەيۋەننى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەم ۋە 2 مىليارد دوللار ھەربىي قەرز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەمدە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار بار بولۇپ، مەزكۇر مەزمۇنلار ئىلگىرىكى ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى» دە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بەلگىلىمە ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 714 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2022 17:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق