خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان 23-دېكابىر يالوۋادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
يالوۋا دېھقانچىلىق مەيدانى ئىمام خاتىپ جەمئىيىتى «قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان.
ئۇ مەزكۇر لېكسىيەدە «قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا سۆز قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر جەھەتتىن يوقىتىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ