شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى يولىدا ئىسسىق قان ۋە جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن, 23-دېكابىر ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت ئىبراھىم قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى شېھىتلەر ھەققىدە تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شېھىتلەر كېچىسى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ شېھىتلەرنىڭ پىداكارلىق روھىدىن ئۆگىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم ۋە باشقا شېھىتلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە چەت ئەلدە قىلغان پىداكارلىقلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى ئۈلگە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن جىھاد ئېڭى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويغان «رىجال» كەلىمىسىنى چۈشەندۈردى ھەمدە مەزكۇر شېھىتلەرنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتتە يەنە ئەھمەد يەسەۋى ۋەقفى رەئىسى ئىلياس ساكا، خەلقئارا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن دوكتور شەۋكەت ناسىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
پائالىيەت ئارىسىدا يەنە پېشقەدەم مويسىپىتلاردىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىم شېھىتلەر كۈيلەنگەن شېئىر ۋە مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بېرىپ، سورۇن ئەھلىنى ھاياجانلاندۇردى.
ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى ۋە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم خاتا قاراشلارغا رەددىيە بەردى.
كېيىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆز قىلىپ، دادىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە قىسقا ئەمما تەسىرلىك ۋەقەلىكلەرنى، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئەڭ تەسىر قىلغان ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنى ئەسلەپ ئۆتتى.
يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىن ئىبراھىم سىدىق «چۈنكى ئۇ شېھىت» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھايات ۋاقتىدا بىۋاسىتە شاھىت بولغان ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئارقىدىن كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىمنىڭ نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىغان، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىققا قارىماستىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان ئۈلگىلىك ھاياتىنى تونۇشتۇردى.
كېيىن ئۆسمۈرلەردىن مۇكەرەم ۋە رەشىدە شېھىتلەرگە ئاتاپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئارقىدىن ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇلھەمىد داموللامنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي مائارىپقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تونۇشتۇردى.
ئارقىدىن شىۋېتسىيەدىكى تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۆمەر مەخسۇم سۆز قىلىپ، شېھىتلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن سىرت، ئۆزىنىڭ ھىجرەت قىلىش جەريانىنىمۇ قاتناشقۇچىلارغا سۆزلەپ بەردى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئالار بىلەن پائالىيەت ئاخىرلاشتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ