ئەنگلىيە ساغلاملىق سانلىق مەلۇمات شىركىتى «Airfinity» نىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي تەمىنلىگەن رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا ھەر كۈنى 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنى بازا قىلغان بۇ شىركەت خىتاينىڭ رايونلارغا بۆلۈپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان مودېل ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتايدىكى كۈندىلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 1 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن.
Airfinity نىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، شىركەت مۆلچەرلىگەن سانلىق مەلۇماتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، دائىرىلەر ئېلان قىلغان دوكلاتتا بىر ھەپتە ئىچىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 1800 نەپەر ئادەم ئىچىدە يەتتە ئادەم ئۆلگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى: «خىتايدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىش سەۋەبىدىن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش قىيىن بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن بولۇپ، ئەمەلدارنىڭ خىتايدىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتى خەلقنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي تۇيۇقسىز ھالدا مۇداپىئە تەدبىرىنى 180 گىرادۇس ئۆزگەرتكەن.
Airfinity شىركىتىنىڭ ئۆلۈش خەۋپى ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن ۋىرۇس ئاپىتىدە 1 مىليون 300 مىڭدىن 2 مىليون 100 مىڭغىچە ئادەم قازا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ تەھلىلىدە، 2 مىليون 100 مىڭ ئادەم ئۆلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
Airfinity شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىملىق يۇقۇمدا ئىككى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. كېلەر يىلى يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نۆۋەتتە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان رايونلاردا كۈنىگە 3 مىليون 700 مىڭ كىشى يېڭىدىن يۇقۇملىنىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىليون 200 مىڭغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ