خىتاي ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئىككى ئامېرىكا ئەمەلدارىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 23-دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى خىتاي سىياسەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى يۈ ماچۈن ۋە ئامېرىكا پارلامېنتى مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تود ستەيىنگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا چېتىلغان ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاش قارارىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئېمبارگو قويماقچى بولغان ئامېرىكا ئەمەلدارى ھەققىدىكى قارارغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئېلان قىلىنغان كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. خىتاينىڭ كونكرېت جازا تەدبىرى يۈ ماچۈن بىلەن تود ستەيىننىڭ خىتايدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلاتقاندىن باشقا، خىتايدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن سودا قىلىشى چەكلىنىدىكەن ھەمدە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا خىتايغا كىرىش ۋىزىسى بېرىلمەيدىكەن.
ئاممىۋى ئۇچۇرلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، يۈ ماۋچۈن ئامېرىكىلىق خىتاي تارىخشۇناس بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى «ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىستون يازغۇچىسى بولغان. ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي سىياسىتىنىڭ يادرولۇق چەمبىرىكىگە كىرگەن كىشى ئىكەن. ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىگە ئائىت نۇرغۇن پايدىلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە ئۇ خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى ئىكەن.
تود ستەيىن ئامېرىكا پارلامېنت قارمىقىدىكى مۇستەقىل كومىتېت ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتى خىتايدىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىنى نازارەت قىلىش، بولۇپمۇ خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» نى نازارەت قىلىش ھەمدە ھەر يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا بۇ ھەقتە دوكلات بېرىش ئىكەن.
ئامېرىكا 9-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە ئورۇن ۋە شەخسكە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تىبەتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كومپارتىيە سېكرېتارى بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىككى نەپەر دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئەمەلدارىمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ