مالايشىيادىكى داڭلىق مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى ئابىم (ABIM)تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇلئەنۋەرنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 21-دېكابىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى نىزامىددىن تەمكىني، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى.
مېھمانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كەلتۈرگەن ئاپەت خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشلەر، خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلىش مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى ئابىم تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇلئەنۋەر ئەپەندى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئالى مەسلىھەت كومىتىتىنىڭ باش مەسلىھەتىچىسى ئەزاسى بولۇپ، مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم خىزمەت قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ