خىتاي تارىم نېفىتلىكىدىن يىلىغا 17 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت-تەبىئىي گاز بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن بىر يىل ئىچىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ 17 مىليون توننىدىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي يەرشارى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نېفىتلىكى بۇ يىل 22- دېكابىرغىچە بولغان سەككىز يىل داۋامىدا ھەر يىلى 14 مىليون 90 مىڭ توننا خام نېفىت ۋە 3 مىليارد 750 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلغان. بۇلاڭ تالاڭ قىلىش ئەھۋالى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 700 مىڭ توننا ۋە 360 مىليون كۇب مېتىر نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئاشۇرغان بولۇپ، سەككىز يىل داۋامىدا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان تەبىئىي گاز 17 مىليون توننىدىن ئاشقان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21-دېكابىر ئاتالمىش«شىنجاڭ» نېفىتلىكى قارمىقىدىكى ماخو نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا يېڭىدىن سېلىنغان ماجوڭ 402-نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 56.78 كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل ماخو نېفىتلىكى ئەڭ زور كۆلەملىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان قۇدۇققا ئايلانغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نېفىتلىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى كېڭەيتكەن. بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 722 ئورۇنغا قۇدۇق قازغان بولۇپ، يېڭى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون 230 مىڭ توننىغا يەتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نېفىتلىكى خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن تۇنجى قۇرۇلغان چوڭ نېفىتلىك بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنى چارلاشنى ئاساس قىلغاندىن سىرت، نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى چارلاپ تەكشۈرۈش، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساقلاش ۋە توشۇپ سېتىش، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش قاتارلىق 18 كەسىپنى ئاساس قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1141 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2022 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق