گېرمانىيە خىتاي رېجىمى بىلەن تۈزۈلگەن چېگرا ئىشلىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، BioNTech تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان پۇقرالىرىغا ئەملەش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەۋەتكەن.
بىلومبېرگنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاترىسىيا فىلور خىتايدىكى گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە BioNTech ۋاكسىنىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭدىكى زىيارىتى جەريانىدا، خىتايدا ئىشلىتىلىشى تېخى تەستىقلانمىغان ۋاكسىنىنىڭ گېرمانىيە پۇقرالىرىغا چەكلىك قوللىنىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. شولز چەكلىك ئىشلىتىشنى تەستىقلاشنىڭ ۋاكسىنىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشنڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلگىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ستېففېن خېبسترېيت باياناتىدا ۋاكسىنىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.
تۈرك ئالىمى ئۇغۇر شاھىن قۇرغان BioNTech شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ ۋاكسىنا خىتايدا ئىشلىتىلگەن تۇنجى ئىمپورت ۋاكسىنا بولۇپ قالىدۇ.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش ھوقۇقى فوسۇن فارماغا بېرىلگەن بۇ ۋاكسىنا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىشلىتىلمىسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەندە ئىشلىتىلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر