ھىندىستان تۇنجى قېتىم خىتايدىن ئېشىپ كەتتى

ھىندىستان تۇنجى قېتىم غەرب بانكىلىرىدىن ئالىدىغان ئىش ھەققى جەھەتتە خىتايدىن ئېشىپ كەتتى.

دۇنيا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى بۇ يىل ھىندىستاندا خىتايغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سودا ھەققىگە ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ پارچىلىنىشىدىن يىراقلاشقان مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن تارىخىي يۆنىلىش دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ ھادىسە تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئىش دەپ قارالماقتا.

خەلقئارالىق مەسلىھەت بېرىش شىركىتى Dealogic نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چەتئەل بانكىلىرى بۇ يىل ھىندىستاندىن 231 مىليون دوللار بىرلىشىش ۋە سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتايدىن ئېرىشىلگەن ئىش ھەققى 204 مىليون دوللار بولغان ۋە خىتاي ھىندىستاندىن 27 مىليون دوللار ئارقىدا قالغان.

يەرشارى مەبلەغ سېلىش بانكىسى JPMorgan بۇ يىل تۇنجى قېتىم خىتايغا قارىغاندا ھىندىستاندىكى قوشۇۋېلىش ۋە سېتىۋېلىشتىن كۆپ كىرىم قىلغانلارنىڭ بىرى بولغان. ئاسىيا ۋە ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرى بولغان خىتاي پاي چېكى ۋە زايوم بازىرىدىن قىلىنغان كىرىم 2022-يىلى تۆۋەنلىگەن.

نۆۋەتتە گەرچە خىتاينىڭ قايتىدىن ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، سودا پائالىيىتىنىڭ ئېشىشى مۆلچەرلەنسىمۇ، ئەمما ۋال كوچىسىدىكى بانكىرلار ئۇزۇن مۇددەت تاقىلىپ قېلىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە يەرلىك بانكىلارغا مەسلىھەت سوراش كەسپىگە يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

بانكا كىرىمىدە %70 تۆۋەنلەش بار

Dealogic نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، چەتئەل مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى پاي ھوقۇقى ۋە قەرز مەبلىغى بازىرىدىن، شۇنداقلا قوشۇۋېلىش ۋە سېتىۋېلىشتىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇ مۈلۈكلەردىن بانكىلارنىڭ ئامبىرىغا كىرگەن پۇل 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %70 تۆۋەنلەپ، 602 مىليون دوللارغا چېكىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلدىكى %15 تۆۋەنلەشتىن كېيىن يۈز بەرگەن.

 تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 947 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2022 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق