ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پىرايس نۆۋەتتە خىتايدا يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتايغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
س ن ن تۈركنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېد پرايس باياناتىدا خىتاي رېجىمى يۇقۇم تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك خىتايغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ۋە سىناق ۋە داۋالاشنى ئاسان قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋاكسىنا تەقدىم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاي ۋىرۇسى ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىدە داۋاملىق قوللاشقا تەييارمىز. بىزنىڭ خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىمىز بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك. بىز ھەر قانداق سىياسىي توقۇنۇشقا قارىماي دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» دېگەن.
ئۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان خىتايدىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ ھەم ئىنسانىي ھەم ئىقتىسادىي بەدىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇ يۇقۇمنى كونتروللىقىغا ئېلىشىنىڭ پەقەتلا ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر