فىلىپپىن بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى

خىتاينىڭ دېڭىزدىكى بىنورمال ھەرىكىتىنى ئېنىقلىغان فىلىپپىن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى فىلىپپىن ئارمىيەسىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇق قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 22-دېكابىر فىلىپپىن كونتروللۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئارالغا يېقىن جايدا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى بايقىغان. شۇ سەۋەبلىك فىلىپپىن ئارمىيەسىنى ئۇ يەردىكى مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ قانداق كۆزىتىلگەنلىكى ھەققىدە كونكرېت مەلۇمات بەرمىگەن. بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سپراتس تاقىم ئارىلىدا ئادەمسىز تۆت خادا تاش ئۈستىدە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي گەرچە سپراتس ئارىلىدا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خادا تاشقا ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «200 دېڭىز مىلى دائىرىسى ئىچىدە فىلىپپىننىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى بار بولۇپ، ئۇ يەردىكى ئارال ۋە خادا تاشلارنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش فىلىپپىن زېمىنى بولغان پاگاسا ئارىلى ( Pagasa Islandغا قىلىنغان تەھدىت. بىز خىتاينى قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپكە ئەمەل قىلىپ، جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.

خىتاي 19-دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېد پرايسNed Priceنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزدا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە لەيلەپ يۈرگەن راكېتا پارچىلىرى ۋەقەسى ھەققىدە قىلغان باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغانىدى.

نېد پرايس سۆزىدە خىتاينىڭ ھەرىكىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى باشقا زېمىن تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە رايوندا قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە داۋاملىق سەل قارىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

خىتاينىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى نارازىلىق باياناتىدا: «قوشنىلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشى نورمال ئەھۋال» دەپ بىلجىرلاپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشىغا داۋاملىق ئارىلىشىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى داۋا قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1049 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2022 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق