ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىش ھەققىدە كەم ئۇچرايدىغان قارار ماقۇللاپ، ھەربىي ھۆكۈمەتنى پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ قارارغا ئىزچىل قارشى تۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 21-دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر قارارنىڭ بېرما كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە زوراۋانلىق قىلمىشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قارار خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت ئىچىدە 12 ئەزانىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ قارارغا ئالاقىدار تەكلىپنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى سۇنغان. بۇ قارار بېرما مۇسۇلمانلىرىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، ئاۋازغا قويۇشتا خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقى بار خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېرمىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى جازا قارارىنى ماقۇللىيالمىغان.
مەزكۇر قارارغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى سېنتەبىر ئېيىدا باشلانغان بولۇپ، ئەسلى لايىھەدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بېرمىغا قورال ئەۋەتىشنى توختىتىشقا چاقىرىش، ھەربىي ھۆكۈمەتكە جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك قىسمەن مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ قېتىم چىقىرىلغان قارار مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن رۇسىيە بىتەرەپ تۇرۇۋالغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېرمانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچىسى توم ئاندرېۋس بۇ يىل 22-فېۋرال تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بېرما ئارمىيەسىگە 2018-يىلدىن باشلاپ سېتىپ بەرگەن قوراللىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە ساتقان قوراللار پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ