خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار مەيدانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سۆز-ھەرىكىتىدە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن «تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.
ماۋنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن: «تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر خىتاي پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
ماۋنىڭ يەنە تەھدىت سېلىپ، خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەرقانداق شەكىلدە ھۆكۈمەت ئالاقىسى قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ياۋروپانى بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە سۆز-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 19-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. ياۋروپا پارلامېنت ۋەكىللىرى دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن باش مىنىستىرى سۇ جېنچاڭ بىلەن كۆرۈشكەن، ئارقىدىن تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. سەيشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېننى زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ