خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 20-دېكابىر ئامېرىكىنى فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت تېرىدى، دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي دېڭىز ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىككە سەۋەب بولغان. ئامېرىكا خىتاينىڭ تەبىئىي بايلىق مول بولغان خىتاي جەنۇبى دېڭىزىدا داۋا قىلىۋاتقان زېمىن تەلىپىنى قانۇنسىز داۋا دەپ رەت قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 19-دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېد پرايسنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزدا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە لەيلەپ يۈرگەن راكېتا پارچىلىرى ۋەقەسى ھەققىدە قىلغان باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان.
نېد پرايس سۆزىدە خىتاينىڭ ھەرىكىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى باشقا زېمىن تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە رايوندا قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە داۋاملىق سەل قارىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى نارازىلىق باياناتىدا: «قوشنىلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشى نورمال ئەھۋال» دەپ بىلجىرلاپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشىغا داۋاملىق ئارىلىشىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى داۋا قىلغان.
خىتاي ۋىيېتنام، مالايشىيا، برۇنېي، ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى بىلەن تۇتىشىدىغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمىدا زېمىن داۋاسى قىلىپ كەلمەكتە بولۇپ، ھەر يىلى تىرىليون دوللارلىق مال بېسىلغان سودا پاراخوتلىرىنىڭ مەزكۇر دېڭىز يولىدىن ئۆتىدىغانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىدە يەنە مول بېلىقچىلىق مەيدانى ۋە مول مىقداردا تەبىئىي گازلىق رايونلارنىڭ بولۇشى خىتاينىڭ بۇ رايونلارغىمۇ كۆز قىزارتىشىغا ۋە نومۇسسىزلاچە ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ