تاشقورغان ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرماقتا. جۈملىدىن خىتاي تاشقورغان ناھىيەسىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە سېلىنغان ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقورغاندىكى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى پۈتكەن بولۇپ، خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى 23-دېكابىر ئۈرۈمچى-تاشقورغان ئايلانما لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان ناھىيەسى ئاقتام بازىرىغا جايلاشقان تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پىلاندىن بۇرۇن پۈتتۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئايرودۇرۇم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان ئىككى ئايرودۇرۇمنىڭ بىرى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئىكەن. يەنە بىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئىكەن.

بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىغا 2020-يىلى 26-ئاپرېل ئۇل سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى ئاساسلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئايرودۇرۇمغا 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، يەر كۆلىمى 230.4 گېكتار بولۇپ، ھەر يىلى 160 مىڭ يولۇچى، 400 توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇيالايدىغان، 1900 ئايروپىلان ئۇچۇپ-قونالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقىنى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھاۋا يولى ئارقىلىق ئاققۇن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈش ۋە ئۇ يەرنىڭ بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كەڭ-كۆلەمدە بۇلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1296 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2022 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق