ئامېرىكا سوتى خىتاي شىركىتىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا فېدېراتىپ ئەرزىيەت ئىشلىرى سوتى 20-دېكابىر خىتاي تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتوندىكى فېدېراتىپ نارازىلىق ئەرز ئىشلىرى سوتىنىڭ ئۈچ سوتچى ھەيئىتى خىتاي تېلېگرافى (ئامېرىكا قىتئەسى) شىركىتىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتىپ خەۋەرلىشىش كومىتېتى ئېلان قىلغان سودا چەكلىمىسى ھەققىدىكى ئەرزىنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېسسىكا روسېنۋورسېل  سوتنىڭ فېدېراتىپ خەۋەرلىشىش كومىتېتىنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چىقارغان قارارىنى ماختاپ: «بۇ قارار دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلدى. تەكلىپتە خىتاي تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تىجارىتىنى خىتاي كومپارتىيەسى قوللىغان. خىتاي كومپارتىيەسى قوللىغان تور ھەرىكىتى خىتاينى نۇرغۇن پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىدى دەپ قارايدۇ. بۇ پۇرسەتلەر ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئامېرىكا ئالاقىسىنى خاتا يۆلىنىشكە يېتەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدېراتىپ خەۋەرلىشىش كومىتېتى يەنە خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، خىتاي تېلېگراف شىركىتى تىنچ ئوكيان تورى شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى قارمىقىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغان. بۇ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىل تىجارەت قىلغان شىركەتلەر ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 934 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2022 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق