ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا خىتايغا قارشى سىياسىي ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا خىتايغا قارشى سىياسىي ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، شى جىنپىڭ گېرمانىيە پىرېزىدېنتىغا تېلېفون قىلغان بولۇپ، سۆھبەتتە گېرمانىيە تەرەپنى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىككە چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 20-دېكابىر گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر شتاينمايېر (steinmeier) بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلىپ، خىتاينىڭ گېرمانىيەدىن مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەسىدە ئۆزگىچىلىكنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بولغان ھوشيارلىقنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدرىجىي پارچىلىنىشى، ھېچ بولمىغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا باغلاشقا ئۇرۇنۇش، دەپ قارالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، شى جىنپىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە كېيىنكى باسقۇچتا خىتاي-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۈچ خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەكلىپتە گېرمانىيەنىڭ گېرمانىيەگە مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىنى ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارا، كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلغان. شى جىنپىڭ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپكە بېقىنماسلىقى ۋە كونتروللۇقىدا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىختىلاپ خىتايغا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى چەكلەش مەسىلىسىدە باشلانغان.

گېرمانىيە «باشقۇرغۇچى ژۇرنىلى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خابېك ھامبۇرگ پورتىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەشتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېلموس شىركىتىنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەشكە تىرىشقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى توشۇش شىركىتى جۇڭيۈن گۇرۇھىنىڭ ھامبۇرگ پورتىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى گېرمانىيەدە ئەندىشە قوزغىغان. سودا ساھەسىدىكىلەر خىتاينىڭ سودا ۋە مەبلىغىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىش نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ گېرمانىيەدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. بۇ مەسىلىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدە پىكىر ئوخشىماسلىقلار بار بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىقى كۈچىيىشكە باشلىغانىدى.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا خىتايغا قارشى سىياسىي ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، خىتاي گېرمانىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقىنى پارچىلاش غەرىزىدە بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 708 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2022 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق