ئىتالىيە خىتاينىڭ ئىتالىيەدە قانۇنسىز قۇرغان ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتى» سەۋەبلىك، ئىتالىيە زېمىنىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ بىرلەشمە چارلاپ تەكشۈرۈش كېلىشىمىنى توختاتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتېئو پىئانتېدوسى 19-دېكابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتالىيە ساقچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتى» مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، بۇ مەركەزلەرنىڭ پىدائىيلار تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مەقسىتى خىتاي پۇقرالىرىنى ۋىرۇس يۇقۇمىدىن مۇداپىئە قىلىش ۋە باشقا مۇلازىمەتلەر ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىتالىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىر بايان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.
«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 14 دۆلەت ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات يەنە خىتاينىڭ ئىسپانىيە، سېربىيە ۋە موزامبىكتە قانۇنسىز تەسىس قىلغان «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ گۇماندارلارنى خىتايغا قايتىپ كېتىشكە مەسلىھەت بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى تاپقانلىقىنى ئېيتقان.
«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى 7-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترىيە، چېخ، گېرمانىيە، ئىرېلاندىيە ، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 14 دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ چەت ئەلدە قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، كانادا، چىلى، نىگېرىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە دۆلەت چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا قانۇن ئىجرا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، چەت ئەل ۋەكىللىرىنىڭ يەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. گوللاندىيە بىلەن ئىرېلاندىيە خىتايدىن ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تاقاشنى تەلەپ قىلغانىدى.
«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسى ۋە مۇناسىپ تورلىرىنى تەكشۈرۈشكە، خەتەر ئاستىدىكى مەھەللىلەر ھەققىدە يېتەرلىك دوكلات بېرىش ۋە قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەرلىك ساقچىلارنىڭ خەلق دۇچ كېلىدىغان تەھدىتنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا، جۈملىدىن تەھدىت سېلىش ياكى تەھدىت سېلىشقا ياردەم بېرىش گۇمانى بار كىشىلەرگە قاراتقان جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ