19-دېكابىر سۇلتانبېيلى سابىھە گۆكچېن كەسپى تېخنىكا ئانادولۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە مەخسۇس يىغىن تەشكىللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قامال قىلىش ۋە ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش» ئورۇنلىرىغا قاماپ، قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ