خىتاي ياپونىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېڭى نۇسخىدىكى خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە دائىر ئۈچىنچى نومۇرلۇق ھۆججەت ئېلان قىلىپ، خىتاينى «نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىس» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا باياناتچىسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بېيجىڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 16-دېكابىر يېڭى نۇسخىدىكى خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە دائىر ئۈچىنچى نومۇرلۇق ھۆججەت ئېلان قىلىپ، خىتاينى «نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىس» قىلىپ بېكىتكەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ رايوندا ئىقتىسادىي تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا باياناتچىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يېڭى نۇسخىدىكى خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە دائىر ئۈچىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتچى باياناتىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي پاكىتتىن ئېغىر چەتنىگەنلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدىكى پىرىنسىپلارنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ خىتاي تەھدىتى ھەققىدە خالىغانچە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى، رايونلار ئارا جىددىي قارشىلىشىشقا سەپەرۋەرلىك قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان. باياناتچى سۆزىدە ياپونىيە ھۆكۈمىنىڭ مەيدانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ مەسىلىدە ياپونىيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 16-دېكابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى كۆرسەتمىسى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» قاتارلىق ئۈچ بىخەتەرلىك ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تاماملىغانىدى.

مەزكۇر بىخەتەرلىك ھۆججىتىدە ياپونىيەنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى (دۈشمەن بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى) ۋە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى يېزىلغانىدى. مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2023-يىلدىن باشلاپ بەش يىلغىچە بولغان مۇداپىئە چىقىمى 43 تىرىليون يېنغا يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھۆججەتتە خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى كەلگۈسىدىكى «ئەڭ چوڭ خىرىس» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 847 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2022 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق