خىتاي 600 مىليارد كىلوۋاتتىن ئارتۇق توكنى خىتايغا توشۇغان

خىتاي 2010-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇشقا باشلىغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى جەمئىي 606 مىليارد 245 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى 2010-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇشقا باشلىغان. 12-دېكابىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى جەمئىي 606 مىليارد 245 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەن.

خىتاي 2010-يىلىدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇش يولىدىن تۆتنى قۇرۇپ چىققان. بۇ لىنىيە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇش مىقدارى 25 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەن. خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى 2010-يىلىدىكى 3 مىليارد كىلوۋاتتىن ئېشىپ، شۇ يىلى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان توك 110 مىليارد كىلوۋاتقا يەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان مول بولغان شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە بولغاندىن باشقا، قۇملۇق، قاقاسلىق قاتارلىق يەر بايلىقى ئەۋزەللىكىگە ئىگە. نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قىلىش ئارقىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرگەن. خىتاي كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان توك ئارقىلىق پۈتۈن خىتاينى تەمىنلەش رەزىل پىلانىنى تۈزگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىق ۋە ئېنېرگىيەلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قىلمىشى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى قىدىرىش، ئېچىش، يۆتكەش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. يېقىندىن يىللاردىن بېرى خىتاي ۋىرۇسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1068 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2022 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق