مۇتەخەسسىسلەر: شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشتە خىرىس مەۋجۇت

خەلقئارا جەمئىيەت 2022-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئىجرا قىلغان جىنايەتلىرىگە قارشى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە مەلۇم تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلەرنى مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە يەنىلا خىرىس مەۋجۇت ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان يىللىق خۇلاسە خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ۋولكېر تۈرك 9-دېكابىر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ تىرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

31-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى باچېلېت خىزمەتتىن ئايرىلغان كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ،خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا مىللەتلەرگە قارشى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىگە، تىل-يېزىق، ئىپادىلەش ئەركىنلىكى، شەخسىي مەخپىيەتلىك، كۆپىيىش ھوقۇقى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكى قاتارلىق ساھەلەردە قاتتىق چەكلىمە قويغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىنى ۋەيران قىلىش، باشقىچە پىكىردە بولغانلاردىن ئۆچ ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق بارلىق ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ب د ت ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب كۈچلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغانىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى مەلۇم تەدبىرلەر قوللىنىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ خىتاي قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلغان، ھەتتا خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىپ قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك، خىتايغا قارىتىلغان تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1128 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2022 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق