تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىماقتا

خىتاي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل ناخشىلىرىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئېيتىشقا داۋاملىق مەجبۇرلىماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بۇ ھەقتىكى سىنلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىككى نۇقتىدىن ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بىرى بۇ سىنلاردا قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن كەنت قورۇسى ۋە زاللارغا يىغىلغان خەلقنىڭ زور كۆپ سانلىقى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، سورۇنلاردا ئەرلەر ئىنتايىن ئاز كۆرۈلگەن. مەزكۇر سىنلار ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلەنگەن «ئەرلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ، ئائىلىدە ئايال ۋە بالىلارنىڭ قالدى. خىتايلار ئەرلەر تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلىلەرگە بىمالال كىرىپ-چىقماقتا» دېگەن ئۇچۇرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللارنى قىزىل ناخشا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش، ئېغىر ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق جاندىن تويىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئېغىر بېسىم ۋە قاتتىق قامال، تۇغقانلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشتەك دەرد-ئەلەملىرى سەۋەبلىك جېنىدىن تويغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان كەمسىتىش، ئاتالمىش «تېررور» تۆھمىتى، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئەسەبىي كۈچلەرنى تازىلاش» نامىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم قامالنى بوشىتىش مەسىلىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئاتالمىش «ئالاھىدە رايون» دېگەن نامنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قامالنى بوشاتمىغانلىقىنى، ئەمما تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا بولسا «ھەممە مىللەت باراۋەر» دېگەن سەپسەتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئائىلىدە قالغان ئايال ۋە بالىلارنى كەنت قوللىرىغا كېچە-كۈندۈز يىغىپ، قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1080 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2022 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق