يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار تەكشۈرۈلدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە نازىرى، قورچاق ئەمەلدار ئەنۋەر سىيىت «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» باھانىسى بىلەن تەكشۈرۈلگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 18-دېكابىرىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىر ئەنۋەر سىيىت «ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن تەكشۈرۈلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئەنۋەر سىيىتنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ. نۆۋەتتە ئۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

ئەنۋەر سىيىت 1964-يىلى 12-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى 9-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توقسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ناھىيەلىك سوتنىڭ سوتچىسى بولغان. ئۇ يەنە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ۋە شەھەر باشلىقى، ئاقسۇ رايونلۇق مەمۇرىي ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2018-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى شۇنداقلا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1304 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2022 19:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق