خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

 

 خىتاي بۇ يىل 1- ئايدىن 11-ئايغىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن 48 مىليون 461 مىڭ توننا كۆمۈرنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇپ كەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قامداشنى پىلانلاپ، كۆمۈرنى تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش، تارقاق توشۇشنى مەركەزلىك توشۇشقا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇغان.

خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى تۆمۈريول ئارقىلىق خىتايغا توشۇپ كېتىشنى كۆلەملەشتۈرگەن بولۇپ، لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈر يولى، لىنخې-قۇمۇل تۆمۈريولى، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. شۇ ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، پولات زاۋۇتى، سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قامدىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى خىتايغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توشۇشنى ئۈزلۈكسىز زورايتقان بولۇپ، ئىلگىرى خىتاينىڭ خېشى كارىدورى، گەنسۇ، چىڭخەي، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۈيجوۋ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە توشۇغان بولۇپ، كېيىنچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن خىتايدىكى ئون نەچچە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگىچە كېڭەيتكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى دېڭىز-دەريادىكى پاراخوتلارغا قاچىلاپ خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىگە توشۇشقا باشلىغان.

يېقىندىن بېرى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئىمبارگوسى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر ۋە باشقا سانسىزلىغان بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەرخىل ئاپەتلەر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كۆمۈر ۋە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر ۋە رۇدا بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 999 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2022 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق