خىتاي رېجىمى نەچچە يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن «نۆل يۇقۇم» سىياسىتى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت پاجىئەسىنىڭ ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە پۈتۈن خىتايغا كېڭەيگەن نارازىلىق نامايىشى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمى بۇ سىياسەتنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى بوشاتمىغان بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن قامال بوشىتىلىشقا باشلىغانىدى.
ئەمما قاتتىق قامالنىڭ بوشىتىلىشى بىلەن تەڭلا خىتايدا يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئۆرلەشكە باشلىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر مىليون خىتاي ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ۋە ۋىرۇسقا قارشى ئەڭ قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرى يولغا قويغان خىتايدا، يېقىنقى كۈنلەردە دەپنە مۇراسىمى ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانىلار تولۇپ تاشقان. خىتاي ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن بېيجىڭغا نۇرغۇن يېڭى داۋالاش گۇرۇپپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يۇقۇمنىڭ ئومىكرون نۇسخىسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
پۈتۈن خىتايدا كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن قوغداش كىيىمى كىيگەن ۋىرۇس خادىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي رېجىمى يېقىنقى كۈنلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپرېلدا خىتايدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىدىغان بولۇپ، ئۆلگۈچىلەر 322 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ساغلاملىق ئۆلچەملىرى ۋە باھالاش تەتقىقات ئورنى (IHME) نىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار خىتايدىكى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى تۇيۇقسىز چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر مۇرراينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى يۇقۇملىنىدىكەن.
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا كۈنتەرتىپتىن چۈشۈشكە باشلىغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا شىددەت بىلەن ئۆرلىشى دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، شاڭخەيدە بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەكتەپلەر تاقىلىپ، يىراقتىن ئوقۇتۇش باشلانغان، بېيجىڭدىمۇ نۇرغۇن خىتايلار كېسەلنى باھانە قىلىپلا خىزمەتتىن رۇخسەت سورايدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرى قىينچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە يۇقۇم تەدبىرىنى قايتىدىن چىڭىتىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسىدىن كېيىن يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى نامايىشقا دۇچ كەلگەن ۋە بىۋاسىتە شى جىنپىڭنى تەختتىن چۈشۈشكە قىستىغان نامايىشلاردىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قەدەمنى ئېلىشتا تېخىمۇ قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر