پۇلدار خىتايلار خىتايدىن قاچماقتا

پۇلدار خىتايلار خىتايدىكى ھەرخىل خەتەر ۋە كوممۇنىست رېجىمىنىڭ زوراۋانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى تېزلەتمەكتە.

ئىقتىساد كۈنتەرتىپى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى فوند دېرىكتورلىرى ۋە كەسىپ مەنبەلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتايدىكى باي شەخسلەر يەرلىك ئاكسىيەدىكى پېيىنى ئازايتىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە مۈلۈككە ئېرىشىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يۈزلىنىشنىڭ 2023-يىلى تېزلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ۋىرۇسى چەكلمىسى تۈپەيلى ئېغىر زىياننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان خىتايلار، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەسىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا بولۇپ، Eurekahedge نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ پاي چەك بازىرىدىكى قىممىتى نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان بىر يىلدا %12.9 زىيان تارتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ 2011-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بىر يىلى بولۇپ قالغان.

شۇنداقلا يەنە پۇلدار خىتايلارنىڭ شى جىنپىڭ كىرىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىش نامىدا «ئورتاق گۈللىنىش» سەپسەتىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ پۇل-ماللىرىغىمۇ ئىگە بولالمايدىغانلىقىنىڭ ئەندىشى ئىچىدە ئىكەنلىكى، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پاي چەك بازىرى ۋە ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 643 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2022 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق