ھىندىستان كۆندۈرۈلگەن بۈركۈت ئارقىلىق خىتاينىڭ كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغان.
ئابولو خەۋەرلىرىنىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان تۇنجى قېتىملىق ئىشلىگەن ئاشكارا سىناق نەتىجىسىگە ئاساسەن ھىندىستاننىڭ مېرۇت شەھىرىگە جايلاشقان ھايۋانلارنى تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئەسكەرلەر بۈركۈتنى «كۆپ ئوقلۇق ئايلانما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان» ئورنىدا مەشىقلەندۈرۈپ كۆندۈرگەن. بۈركۈتنىڭ بېشىغا كامېرا ۋە ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئەگىشىپ سۈرەتكە تارتىپ رەسىملەرنى مەركەزگە يوللىغان. مەشىق جەريانىدا، بۈركۈت نەچچە يۈز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن. بەزىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 30-نويابىر ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان چېگراغا يېقىن جايدىكى سوغۇق تاغلاردا مەشىققە قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن ھەمكارلاشماقتا ئىكەن.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىدا يەنە بىر توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ چېگرا بويىنى چارلىغان بولۇپ، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى قوزغىغان. «ھىندىستان مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلارنى ئىشلىتىپ دۈشمەننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا تاقابىل تۇرغان.
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2021-يىلى 20-ئۆكتەبىر ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېشتىكى بىر شىركەت ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېڭى قورال ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ھىندىستان چېگرا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا يۇقىرى بېسىملىق توك كالتەك سەپلەنگەندىن باشقا، يورۇتۇش ئالاھىدىلىكى بار قوغدىنىش قالقىنى، توك سوقتۇرۇش پەلىيى قاتارلىق يېڭى قوراللار تارقىتىلغانىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ