ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى» نى ماقۇللاپ، تەيۋەننى بەش يىل ئىچىدە ئون مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 15-دېكابىر كەچتە يېڭى مالىيە يىلى مۇداپىئە چىقىمى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم بايلىق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەننى بەش يىل ئىچىدە جەمئىي 10 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر 858 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدىغان 2023- يىللىق مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى «NDAA» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى پەيشەنبە كۈنى كەچتە 83 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 11 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغانىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنت جو بايدىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان خامچوت تەلىپىدىن 45 مىليارد دوللار ئارتۇق تەستىقلانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ