ياپونىيە ۋە گوللاندىيەمۇ خىتايغا جازا يۈرگۈزىدۇ

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا ئۇرۇشىغا يەنە ئىككى دۆلەت قوشۇلدى،  جىددىيلىك كۈچەيمەكتە.

پەن – تېخنىكا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زور ھەجىملىك تېخنىكا ئۇرۇشى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىدىن تارتىپ ئۇرۇش قوراللىرىغىچە نۇرغۇن ساھەدە خىتاينى جازالىماقتا.

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا ئۆزەك ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىشى بىلەن خىتاي بۇ ساھەدە خلىمۇخىل توسقۇنلۇققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ سىياسەت خىتاي شىركەتلىرى ياكى خىتاي پۇقرالىرىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، ئامېرىكىدىكى يېشىل كارتا ئىگىلىرى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشالمايدۇ ياكى مال سېتىۋالالمايدۇ. بۇلاردىن باشقا، ھەتتا بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ رادارىدا بولىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ مەسىلىدە خىتايغا داۋاملىق جازا يۈرگۈزۈۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا، ياپونىيە ۋە گوللاندىيەمۇ خىتايغا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشى مۇمكىن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ئامېرىكىغا يېقىن ئىككى ئۆزەك بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ بېيجىڭغا جازا يۈرگۈزۈش پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى. سۇللىۋان سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ: «مەن شۇنى دەيمەنكى، بىز مۇزاكىرىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقىدىن ئىنتايىن رازى» ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى دۆلەت خىتايغا جازا بېرىشكە قوشۇلسا، بۇ خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە گوللاندىيەدىن چىقىدىغان يېڭى تېخنىكىلار بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا نۆۋەتتە ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ئىلغار ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قوللىماقتا ۋە بۇ ساھەگە غايەت زور مەبلەغ سالماقتا. يېقىندا ئارىزونا شىتاتىدا زاۋۇت قۇرغان TSMC  3 نانومېتىرلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، غەرب دۇنياسى بۇ يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا خىتايدىن ئۈزۈل-كېسىل خوشلىشىشنى پىلانلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 827 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2022 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق