خىتاي رۇسىيەگە ئۆزەك سېتىشنى چەكلىدى

روسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەت ۋە شىركەتلەر ئۆزەك ۋە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى روسىيەگە سېتىشنى توختاتتى. نۆۋەتتە خىتايمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن مەزكۇر دۆلەتلەرگە قوشۇلۇپ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ روسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن.

ھازىر ئىلغار مىكرو ئۈسكۈنىلەر (AMD)، ئىنتېل شىركىتى ۋە Nvidia شىركىتى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئۆزەك شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتكە قاراتقان جازاسىدىن كېيىن رۇسىيەدىكى سېتىشنى توختاتتى. مەلۇم بولغىنىدەك، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەلىپىنى قاندۇرۇشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋە ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتايدىن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانىدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك مەسىلىسىدە خىتاينى جىددىي جازالىشى خىتاينىڭ بۇ قەدەمنى بېسىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ جازاسىغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلماقتا. كوممېرسانتنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي رېجىمى رۇسىيەنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان Loongson ئۆزىكى بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ،بۇ ئۆزەكلەر ھازىر خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەڭ ئىلغار ئۆزەكلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 812 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2022 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق