ياپونىيە خىتاينى «ئەڭ چوڭ خىرىس» دەپ بېكىتتى

ياپونىيە يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇندا خىتاينى «ئەڭ چوڭ خىرىس» دەپ ئاتىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 16-دېكابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى كۆرسەتمىسى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» قاتارلىق ئۈچ بىخەتەرلىك ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تاماملىغان.

مەزكۇر بىخەتەرلىك ھۆججىتىدەەخە ياپونىيەنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارى (دۈشمەن بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى) ۋە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى يېزىلغان. مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2023-يىلدىن باشلاپ بەش يىلغىچە بولغان مۇداپىئە چىقىمى 43 تىرىليون يېنغا يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھۆججەتتە خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى كەلگۈسىدىكى «ئەڭ چوڭ خىرىس» دەپ كۆرسىتىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىخەتەرلىك ھۆججىتىنىڭ تۈزىتىلىشى چوقۇم تەنقىدىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ياپونىيەدە ئۇرۇشتىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «ئالاھىدە مۇداپىئە» ئۇقۇمىنىڭ پەقەتلا نامدا قالغانلىقى ئەيىبلەنگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مالىيە خام چوتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

تۈزىتىلگەن ھۆججەتتە دېيىلىشىچە، شىمالى كورىيە ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى نەزەردە تۇتقاندا، نۆۋەتتە ياپونىيەدە بار بولغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ياپونىيەنىڭ دۈشمەن تەرەپ چېگراسى ئىچىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى ۋەيران قىلالايدىغان قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى مەسىلىسى ھەققىدە، ھۆججەتتە ياپونىيەنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا چوقۇم زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن تەدبىر سۈپىتىدە «كۈچ ئىشلىتىشنىڭ ئۈچ چوڭ شەرتى» نى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى يېزىلغان. ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن تەدبىر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە يەنە تور ھۇجۇمى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئاكتىپ تور مۇداپىئەسى» پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 742 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2022 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق