خىتاينىڭ چەتئەلدىكى «ساقچى پونكىتى» نى ئاشكارىلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ 15- دېكابىر ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئونلىغان مەخپىي «ساقچى پونكىتى» نىڭ ئۆز تېررىتورىيەسىگە كەلتۈرگەن تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن فىرونت تەشكىللىمىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئاسىيا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «مۇھاپىزەتچى» بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئىككى پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ 53 دۆلەتتە جەمئىي 102 «ساقچى پونكىتى» قۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيەدە 11 ئورۇندا مەزكۇر ساقچى پونكىتى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.
«مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ ئېيتىشىچە، كانادا، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ دوكلاتىغا جاۋاب قايتۇرۇپ خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردە قۇرغان «ساقچى پونكىتى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغان، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن.
«مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ ھەرىكەت نازارەتچىسى لاۋرا خارت رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئوچۇق كودلۇق سانلىق مەلۇماتلاردىن ئالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: «بىز بايقىغان خىتاي ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى توردا تاپقىلى بولىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ» دېگەن.
«مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ قارىشىچە، خىتاي مەزكۇر تور بېكەتلەردىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى قانۇنسىز بولۇپ، ئۆكتىچىلەرنى نىشان قىلىدىكەن.
«مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي 2016-يىلدىن باشلاپ ئىتالىيەدە «ساقچى پونكىتى» نى يولغا قويغان، ئەمما ئالدىنقى ھەپتە ئىتالىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتېئو پىئانتېدوسى نىڭ ئېيتىشىچە، ئىتالىيە ساقچىلىرى ئىتالىيەدە 11 ئەمەس پەقەت ئىككى «ساقچى پونكىتى» نى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ