ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ تىنچ قارشىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 15-دېكابىر قارار ماقۇللاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا يولغا قويغان تەدبىرلىرىگە قارشى تىنچ نامايىش قىلغان خەلققە زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. پارلامېنت ئەزالىرى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى پەيشەنبە كۈنى ئىستراسبۇرگتا قارار ماقۇللاپ، خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ۋە خاتا ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى ئون نەچچە چوڭ شەھەردە شى جىنپىڭ رېجىمى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا يولغا قويغان قامال قىلىش تەدبىرلىرىگە قارشى ھەرىكەت پارتلىغان. نامايىشچىلار بۇ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا «كومپارتىيە ئىستېپا بەرسۇن! شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان.
پارلامېنت ئەزالىرى قاراردا «شى جىنپىڭ 2013-يىلى مارتتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشتى. خەلقنى قانۇنسىز نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش پۈتۈن خىتايدا كېڭەيدى. ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە قويغان چەكلىمىسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ياۋروپا پارلامېنتى يەنە 24-نويابىر خىتاينىڭ قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، بۇ ھادىسە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش قىلمىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرى دوۋيىن بىلەن تېڭشۈننىڭ خىتاي رېجىمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نامايىشچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىغانلىقىنى، بۇ شىركەتلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نامايىشچىلارنى قولغا ئېلىشىغا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇچۇر ئەۋەتىشىنى توسۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا پارلامېنتى يەنە تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئاتالمىش «چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ساقچى پونكىتى» قۇرۇش قىلمىشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر پونكىتلىرىنى دەرھال تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ