خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق سوغۇقتا قىينىماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىش، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى»غا مەجبۇرىي قاماپ قىيناش قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاي رېجىمى ئاچ قويغاننى ئاز دەپ، ھېچقانداق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغان زاللارغا سولاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سوغۇقتا قىينىماقتا.

15-دېكابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقالغان بىر نەچچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر ۋىلايىتىدە زور تۈركۈمدىكى خەلقنى شارائىتى ئىنتايىن ناچار چوڭ زالغا ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەستىن قامىغان. كىشىلەر مەزكۇر ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى»گە يۈك-تاقلىرى بىلەن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. يەنە بىر سىندا رەھىمسىزلىك بىلەن قامالغان يۈزلىگەن كىشىنىڭ قاتتىق سوغۇقتىن قوشلاپ يوتقان يېپىنىۋالغانلىقى، زالنىڭ تازىلىق شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى گەرچە خەلقئارانىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خىتايدىكى قامالنى بوشاتقان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق قامالنى ھازىرغىچە بوشاتمىغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ئىجرا قىلىنىۋاتقان قاماپ ئاچ قويۇپ باستۇرۇش، ھېچقانداق ئىسسىنىش ئەسلىھەسى بولمىغان مەينەت زاللارغا مەجبۇرىي سولاش قىلمىشى كۈنسېرى چېكىدىن ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» نامىدىكى لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنى سېلىشنى توختاتمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1229 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2022 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق