ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خۇاۋېي ۋە باشقا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى خىتاي تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېي ۋە G5 تورىغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىنى جازالاش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بانكا سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنىڭ چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتون ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قانۇن لايىھەسىنى يەنە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن چاك شۇمېر، كىرىس ۋان ھولېن ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت قاتارلىقلار بىرلىكتە قوللىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گالاھېر ئاۋام پالاتاسىدىكى مۇناسىپ قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدىكەن. كېڭەش پالاتا ئەزالىرى سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر تەكلىپتە «ئىشەنچسىز» دەپ قارالغان خۇاۋېي قاتارلىق خىتاينىڭ G5 تېخنىكا شىركەتلىرىنى قاتتىق جازالاش تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا، يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قارشى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئەيىبلەنگەن.
تەكلىپتە يەنە بۇ خىتاي شىركەتلىرىنى مالىيە مىنىستىرلىقى يولغا قويغان «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈش، «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت ۋە چەكلىنىدىغان كىشىلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا تېررورچى دەپ بېكىتكەن ياكى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان كىشىلەر ياكى گۇرۇپپىلار ئىكەن. خىتاينىڭ مەزكۇر شىركەت ۋە ئورۇنلىرى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى تىجارىتى دەرھال توڭلىتىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ