14-دېكابىر چانقىرى ھاجى مۇرادى ۋېلى ئانادولۇ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە «كىشىلىك ھوقۇق بىلەن دەپسەندىچىلىككە باغلانغان شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىننى ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى IHH ياشلىرى چانقىرى تۆپىسى تەشكىللىگەن. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.
ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرغا سولاپ قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قامال قىلىش ھەمدە ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش» ئورۇنلىرىغا قاماپ، قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.
بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئابدۇسالام تەكلىماكاندىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سوئال سورىغان. ئابدۇسالام تەكلىماكان ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ