ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېردىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىدىكى ئالتە خىتاي دىپلومات ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ خىتايغا قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى نامايىشچىلارنى ئۇرغان خىتاي دىپلوماتلىرى توغرىسىدا: «بىز ئۇلارنى نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك ئىدى» دېيىشكەن.
بۇ يىل 16-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ئەنگلىيە مانچېستېردىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقچى بولغان بىر خوڭكوڭلۇق نامايىشچى خىتاي باش كونسۇلى جېڭ شىيۈەن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن كونسۇلخانا ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىلىپ ئۇرۇلغانىدى. مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ باش كونسۇلى ۋە باشقا بەش دىپلومات ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى ۋە خىتايدىن ئالتە دىپلوماتنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. لېكىن خىتاي تەرەپ بۇ تەلەپكە جاۋاب قايتۇرمىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، مانچېستېردىكى خىتاي باش كونسۇل جېڭ شىيۈەن قاتارلىق خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئالدىراپ ئەنگلىيەدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ھەقتە ئەنگلىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ۋەقەنىڭ قانداق ھەل قىلىنغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كابىنېتتا ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىئىن دانكان سىمىس: «ھۆكۈمىتىمىز مانچېستېردىكى تىنچ دېموكراتىك نامايىشچىغا قارىتىلغان ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇمغا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ ئەنگلىيەدىن بۇنداق تىنچ ھالەتتە ئايرىلىشىغا يول قويۇشتىن باشقا ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى. خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىشىگە يول قويۇش ئادالەت ئەمەس. بىز ئۇلارنى نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك ئىدى» دېگەن.
ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىكيا كېرنىس ئالتە خىتاي دىپلوماتنىڭ كەلگۈسىدە ئەنگلىيەگە قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ جاكارلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. كېرنىس سۆزىدە: «ئەنگلىيە خەلقى دۆلىتىمىزدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تېگىشلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي دىپلوماتلىرى قورقۇنچاقلاردەك ئەنگلىيەدىن قېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىدى» دېگەن.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جەيمىس كلېۋېرلىي خىتاينىڭ ئالتە دىپلوماتنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ، قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇلارنى ۋەزىپىدىن ئېلىش قارارىنىڭ ساقچىلارنىڭ گۇماندارلارنى سوراق قىلماقچى بولغاندىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بۇ كىشىلەرنىڭ سوراققا تارتىلمىغانلىقى ۋە ئادالەتكە تاپشۇرۇلمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندىم. قانداقلا بولمىسۇن، مانچېستېردىكى نومۇسسىز ئەھۋاللارغا مەسئۇل كىشىلەر ئەمدى ئەنگلىيەدىكى كونسۇلخانا خادىملىرى بولالمايدۇ. تەلىپىمىزگە ئاساسەن، خىتاي رېجىمى باش كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئەمەلدارلىرىنى ئەنگلىيەدىن ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلدى» دېگەن.
مانچېستېر ساقچىلىرىنىڭ باياناتىدا نامايىشنى چۆرىدىگەن ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر