ئىران پىرېزىدېنتى خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلدى

 

ئىران پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا تۇتقان مەيدانىغا نارازى بولۇپ، خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېكىتى 13-دېكابىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇ چۈنخۇا 13-دېكابىر ئىقتىساد ۋە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئىرانغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى، خىتاي زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

پىرېزىدېنت رەئىيسى ئۇچرىشىشتا خۇ چۈنخۇاغا: «شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەرەب ئەللىرىنى قوللاش ھەققىدىكى بىر قىسىم سىياسىي مەيدانلىرى ئىران خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئىران بۇ مەسىلىدە خىتايدىن جىددىي تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇ چۈنخۇا ئىران پىرېزىدېنتى رەئىيسىگە: «خىتاي ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئىراننىڭ ئاساسىي مەنپەئەتىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا ئاتالمىش «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئىمزالىغانىدى ۋە يىغىن خىتابنامىسىدىكى بەزى سۆزلەر ئىراننى غەزەپلەندۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 640 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2022 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق