ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى شېرىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدا داۋاملىق ئەسكەر كۆپەيتىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى، ھاۋا ئارمىيە قوماندانى پەت رايدېر (Pat Ryder) 13-دېكابىر قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى تەشكىللىگەن. يىغىندا مۇخبىرلار پەت رايدېردىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن ئەندىشە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، ئامېرىكا تەرەپ ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورىغان.
رايدېر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا: «خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقتا. بۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئىنتايىن مۇھىم. بىز شېرىكلىرىمىزنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىنى پۈتۈنلەي قوللايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى 9-دېكابىر ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېشتىكى چېگرا رايونىدا توقۇنۇشقانىدى. توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرىدىن يارىلانغانلار بار بولۇپ، خىتاي تەرەپ تېخىچە توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغانىدى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرى خىتاي ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا 9-دېكابىر ئېنىقسىز چېگرا لىنىيەسىنى بەلگىلەيدىغان ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى (LAC) بويىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 300 دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرىنىڭ 17000 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان چوققىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ