ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئەڭ قاتتىق ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشنى پىلانلىدى

بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان چاڭجياڭ شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزمەكچى بولغان. بۇ چەكلىمە رەسمىي ئېلان قىلىنغان تەقدىردە، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىن ماتېرىيال ۋە قوشۇمچە زاپچاس سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-دېكابىرىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنى بۇ ھەپتە ئىچىدە ئېكسپورت چەكلىنىدىغان كارخانا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا شىركەتلىرى ئېكسپورت چەكلىنىدىغان كارخانا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چەتئەل شىركەتلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن ئىجازەتنامىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن.

سودا مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىسى بويىچە، مەلۇم شىركەت ئېكسپورتنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تەقدىردە، 60 كۈن ئىچىدە مەھسۇلاتنىڭ ئاخىرقى ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدە ئامېرىكا تەرەپنى ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن. دېمەك، ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى چاڭجياڭ 60 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتەلمىسە ئېكسپورت چەكلىنىدىغان ئورۇن تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، 12-دېكابىر خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ئېكسپورت كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقىنى،  نورمال خەلقئارا سودىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋە سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

شۇنداقلا خىتاي يەنە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر چەكلىمىلىرىگە قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغىمۇ ئەرز قىلغانىدى.  

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 528 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2022 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق