يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان شەكلى ئۆزگەرگەن جازا لاگېرلىرى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە خىتايدىكى قاتتىق قامالنى بوشاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلىرىدە يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن جازا لاگېرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئالدىنقى ھەپتە ۋە 13-دېكابىر قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدىن تارقىتىلغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قامالىنى بوشاتقان بولسىمۇ بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق قامالنى يەنىلا بوشاتمىغان.

قاغىلىقتىن تارقالغان 20 سېكۇنتلۇق سىندا خىتاينىڭ ئاتالمىش «قاغىلىق ناھىيەلىك ئايرىپ داۋالاش كۆزىتىش نۇقتىسى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان بىر ئورۇندا زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر رايوندا 18 مىڭ ئېغىز ئۆي قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردە كېچە-كۈندۈز جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىنلاردا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» نى جىددىي كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى ئېنىق بولغاچقا، يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىنقى كۈنلەرگە قارىغان كۆرۈنەرلىك چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق قامالنى بوشاتمىغان.

ئۇندىن باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يەنە بىر سىنمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ قامالنى بوشاتتۇق، دېگەن سەپسەتىسىنىڭ تامامەن يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۆز خەلقىگە بوشاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى يەنىلا ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» نامىدىكى ھايۋانمۇ ياشىمايدىغان، ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىمۇ بولمىغان مەينەت ۋە ئىنتايىن ناچار شارائىتتىكى شەكلى ئۆزگەرگەن جازا لاگېرلىرىغا قاماشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئاچلىق ۋە قاتتىق سوغۇقتا قىيناۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1264 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2022 17:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق