13-دېكابىر چانقىرى قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا سولاپ قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئائىلىگە قامال قىلىش ھەمدە ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش» ئورۇنلىرىغا قامال قىلىپ قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ