تۈركىيە پارلامېنتى يىللىق خامچوت يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خىتايغا بەرمەيمىز» دېدى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى پارلامېنتا قىلغان سۆزىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھەر ۋاقىت قوغداۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسىدىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايدىن ئاپەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۇلارنى «خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى قىلماقتا» دەپ شىكايەت قىلغان ۋاقىتلىرىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بەرگەن جاۋابىنىڭ: ھېچقانداق ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتنى پارچىلاش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلىرىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ