يېڭى ئاكىت گېزىتى: ھەي ئەخلاقسىزلار، خىتايدا قانۇن بارمۇ؟

 ئىقتىسادشۇناس ماھفى ئىگىلمەس خەۋەر تۈرك تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ «TekeTek» پىروگراممىسىغا قاتناشقان بولۇپ، پىروگرامما رىياسەتچىسى فاتىھ ئالتايلى ۋە ماھفى ئىگىلمەس «تۈركىيەدە قانۇن يوق» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئارقىلىق ھازىرقى ھاكىمىيەت پارتىيىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنى نىشانلىدى.

ئىگىلمەس قانۇن بىلەن ئىقتىساد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تىلغا ئېلىپ: «ئەگەر قانۇنىڭىز ياخشى بولسا، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىنى قورقماي مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىسىڭىز، ئىقتىسادىڭىز ياخشى بولىدۇ» دېدى. رىياسەتچى فاتىھ ئالتايلىمۇ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنسىزلىقتىن ئەنسىرەپ مەبلەغ سالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىروگراممىدا بىر كۆرۈرمەن خىتاي ئىقتىسادىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتايدا قانۇن بولغاچقا ئىقتىسادى ياخشىمۇ؟» دەپ سورىدى. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتە قىينالغان ئىگىلمەس نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي: «قانۇن يوق، ئۇ شۇنداق. ئەمما ئۇ يەردە قانۇن بولسا، مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئەللىك يىلدىن بۇيان قانۇن يوق دەپ ئىشىنىپ كەلدى. ئۇ يەردە بۇ سىستېمىنىڭ ئىجرا بولغىنىغا 50 يىل بولدى» دەپ، ئۆز-ئۆزىنى يالغانغا چىقارغان تەرىقىدە جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭ بۇ جاۋابلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، پەقەتلا ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەش ئۈچۈن تۈرلۈك يالغان  سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يېڭى ئاكىت گېزىتىمۇ بۇ سۆھبەت ھەققىدە «ئەي ئەخلاقسىزلار! خىتايدا قانۇن بارمۇ؟» ماۋزۇسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ھەم ئۇنىڭ يالغانچىلىقىغا رەددىيە بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ شايكىلار گۇرۇھىدىن تەشكىللەنگەن قانۇنسىز رېجىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 695 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2022 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق