خىتاينىڭ 18 نەپەر بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەننىڭ «ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى» (ADIZ) نىڭ غەربىي جەنۇبىغا قاراپ ئۇچقانلىقى ئېلان قىلىندى.
خەۋەر 7 تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىقى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق كۆپ ساندىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن رايونغا تاجاۋۇز قىلىشى ئىكەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۈندۈزى ئارال ئەتراپىدا 29 خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە 3 ئۇرۇش پاراخوتى كۆرۈنگەن. كېيىن 18 دانە H-6 بومباردىمانچى ئايروپىلان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، ئارال ئەتراپىدا بايقالغان ئومۇمىي ھاۋا ۋە دېڭىز ماشىنىلىرى ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش ماشىنىسى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە يەر يۈزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان.
بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي چارلاش پائالىيەتلىرىنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنى ئايرىيدىغان نامدىكى «ئوتتۇرا سىزىق»تىن ھالقىغان ئۇچۇشنى قېلىپلاشتۇرغان.
پېلوسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشى بولغان بۇ ئارالنى زىيارەت قىلغان پارلامېنت باشلىقى بولغانىدى. بۇ زىيارەت بۇ ئارالنى ئۆزىنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە سالغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر